خۇاۋېي ئەپ بازىرى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققدىكى بايانات
يېڭىلانغان ۋاقتى: 2019-يىلى 12-ئاينىڭ 27-كۈنى
«خۇاۋېي ئەپ بازىرى» كەسپى خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە «بىز» ياكى «خۇاۋېي» دېيىلىدۇ) سىز ئۈچۈن تەمىنلىگەن ئەپ چۈشۈرىدىغان، قاچىلايدىغان ۋە باشقۇرىدىغان سۇپىدۇر. خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزنى قوغداشقا قاتتىق كۆڭۈل بۆلىدۇ، قانۇن تەلىپى ۋە ساھەلەرنىڭ پىشقان بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ماس بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى بىلەن تەمىنلەيمىز.
•شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىشىمىز، سىزنىڭ قولاي ھالدا ئەپ سېتىۋېلىش، چۈشۈرۈش، قاچىلاش ۋە باشقۇرۇشىڭىز ئۈچۈندۇر.
•ھەمكارلاشقۇچىمىز سىزنى مول ئەپ ۋە رەقەملىك تاۋارلار بىلەن تەمىنلەيدۇ، سىزنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ نامى، باھا، زاكاز ئۇچۇرى قاتارلىقلار مۇناسىۋەتلىك ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا ئەۋەتىلىدۇ.
•سىز «ئويۇن مۇلازىمىتى» نى ئاچقاندىن كېيىن، سىزنىڭ ئويۇن ئەپىنى ئىشلەتكەندىكى تەسىراتىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى يىغىپ، سىزگە شەرەپ تاختىسى، نەتىجە قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەشكە ئىشلىتىمىز.
•پائالىيەتكە قاتنىشىپ مۇكاپات بۇيۇم، سوۋغاتلىق ياكى ئېتىبار بېلىتىگە ئېرىشكەندە، سىزگە مۇكاپات بۇيۇمىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، پائالىيەت ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ۋە ئۈچىنچى تەرەپ توشۇش شىركەتلىرى بىلەن سىزنىڭ ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىز قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىشىمىز كېرەك، كونكرېت ئەھۋاللار تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ.
•خۇاۋېي ھېسابات ئۇچۇرىڭىز ۋە «خۇاۋېي ئەپ بازىرى» دىكى ئىزدەش، چۈشۈرۈش ۋە باشقا مەشغۇلات ئۇچۇرىڭىزنى ئىشلىتىپ، ئىقتىدارنى ياخشىلايمىز ۋە سىزنى خاسلاشتۇرما تەۋسىيە بىلەن تەمىنلەيمىز، كونكرېت ئەھۋاللار تۆۋەندە بايان قىلىنىدۇ.
•بۇ ئەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئارقا سۇپىدا تورغا ئۇلاپ قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى تاماملاش كېرەك، مەسىلەن، ئەپ يېڭىلاش، ئەپ چۈشۈرۈشنى ئالدىن كېلىشىش، ئۇچۇر قوبۇللاش قاتارلىقلار.
1. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز
ئەپ كۆرۈش/ئىزدەش/چۈشۈرۈش/قاچىلاش/ئۆچۈرۈش
«خۇاۋېي ئەپ بازىرى» غا كىرگەندە، مۇلازىمەت ۋە ئىقتىدارلارنى نورمال ئىشلىتىشىڭىزنى كاپالەتلەندۈرۈش ئۈچۈن، بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىز، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەڭشەك ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، تور ئۇچۇرى، يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى، قاچىلانغان ئەپ تىزىملىكى ۋە ئەپنىڭ ئاساسى ئۇچۇرىنى توپلايمىز.
خۇاۋېي ھېسابىغا كىرگەندىن كېيىن، ھەقلىق ئەپ ۋە رەقەملىك تاۋارلارنى سېتىۋېلىش، پائالىيەتكە قاتنىشىش، باھا بېرىش، مۇنبەر، ئەپ ئورتاقلىشىش، يېڭى ئويۇن بۇيرۇتۇش ۋە ئارزۇ تىزىملىكى قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. مۇناسىۋەتلىك زاكاز ئۇچۇرى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا ئەۋەتىلىپ سىزنىڭ سېتىۋېلىشىڭىزغا ياردەم بېرىشكە ۋە سېتىۋالغان تاۋارنىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىقى ئۇچۇرلار خۇاۋېي ھېسابىڭىز بىلەن باغلىنىپ، باشقا ئۈسكۈنىلىرىڭىزدە ماسقەدەملەشكە ياردەم بېرىدۇ، ھەمدە سىزنىڭ يېڭى ئويۇن بۇيرۇتۇش، ئارزۇ تىزىملىكى، باھا، مۇنبەر، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق تاپشۇرغان ئۇچۇرلىرىڭىز «ئويۇن مەركىزى» قاتارلىق خۇاۋېي تەمىنلىگەن باشقا ئەپ سۇپىلىرىغا ماسقەدەملىنىپ، كۆرۈش ۋە باشقۇرۇشىڭىزغا قولايلىق يارىتىلىدۇ.
پائالىيەت ۋە مۇكاپات ئېلىش مۇلازىمىتى
سىز ئۈچۈن مۇكاپات بۇيۇمى، سوۋغاتلىق ۋە ئېتىبار بېلىتى قاتارلىق مۇكاپاتلارنى تەييارلىدۇق، پائالىيەتكە قاتنىشىپ ئېلىۋېلىڭ. سوۋغات ئالماشتۇرۇش كودى، ئېتىبار بېلىتى، خۇاۋېي تەڭگىسى قاتارلىق مەۋھۇم پۇل ئۇچۇرلىرىڭىزنى ساقلاپ، ئىستېمال خاتىرىسى ۋە قالدۇقنى خالىغاندا كۆرۈشىڭىزگە قولايلىق يارىتىمىز. سىزگە مۇكاپات بۇيۇمىنى ئەۋەتىش ئۈچۈن، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاپ پائالىيەت ھەمكارلاشقۇچى تەرەپ ۋە ئۈچىنچى تەرەپ توشۇش شىركەتلىرىگە تەمىنلىشىمىز كېرەك.
ئەپ باھالاش ۋە مۇنبەر مۇلازىمىتى
چۈشۈرگەن ئەپكە نومۇر قويسىڭىز ياكى باھا يازسىڭىز، ئۆزىڭىز قىزىقىدىغان ئەپ مۇنبىرىنى كۆرۈپ، كۆز قاراشلىرىڭىزنى ئوتتۇرىغا قويسىڭىز بولىدۇ. باھا ۋە مۇنبەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى خۇاۋېي ھېساباتىڭىزغا ساقلايمىز، خۇاۋېي ھېساباتىدىكى لەقەم، باش سۈرىتىڭىز ھەممە ئادەمگە كۆرۈنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ نامى ۋە يوللىغان باھا ئۇچۇرىڭىزنى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا تەمىنلەپ، ئۇلارنىڭ مۇلازىمەت ۋە مەھسۇلاتنى ياخشىلىشىغا ياردەم بېرىمىز. مەلۇمات بىخەتەرلىكىڭىز ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزدىن مەلۇمات قوغداش كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزغا بولغان قوغداش مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە تەلەپلەرنى ئېنىق بېكىتتۇق.
مەزمۇننى ئورتاقلىشىش مۇلازىمىتى
ياقتۇرغان ئەپنى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىغا ئورتاقلىشىڭ، مەسىلەن ۋېيشىن، ۋېيبو ياكى باشقا ئالاقە يۇمشاق دېتاللىرى قاتارلىقلار. ئورتاقلاشقان ۋاقتىڭىزدا، بۇ سۇپىلار شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى يىغىشى مۇمكىن، تەپسىلاتىنى ماس ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسى مەخپىيەتلىك تۈزۈمىدىن كۆرۈڭ.
يېڭى ئويۇن بۇيرۇتۇش ۋە ئارزۇ تىزىملىكى مۇلازىمىتى
ياقتۇرىدىغان ئويۇن ۋە ئەپلىرىڭىزدىن ۋاقتىدا خەۋەردار بولۇشىڭىز ئۈچۈن، يېڭى ئويۇننى ئالدىن بۇيرۇتۇش ۋە ئارزۇ تىزىملىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق، شۇڭا بۇيرۇتما خاتىرىسى ۋە ياقتۇرۇش تىزىملىكى ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز. ئالدىن زاكاز قىلىپ، زاكاز قىلغان ئەپ تورغا چىقىرىلغاندا، WLAN مۇھىتىدا بۇ ئەپنى ئاپتوماتىك چۈشۈرۈپ قاچىلاپ بېرىمىز.
ئۆيدە ئورتاقلىشىش
سىزنى ئۆيدە ئورتاقلىشىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدۇق، بۇ نادىر ئەپنى بىر قېتىم سېتىۋالسىڭىزلا بولىدۇ، ھېساباتىڭىزنى ئورتاقلاشمىسىڭىزمۇ ئائىلە ئەزالىرى بىلەن ئورتاقلىشالايسىز. شۇڭا ئائىلە ئەزالىرىڭىزنىڭ ئۇچۇرلىرىنى توپلىشىمىز كېرەك:
«تەڭشەك» > «خۇاۋېي ھېساباتى» > «ھېسابات مەركىزى» > «ئۆيدە ئورتاقلىشىش» > «سېتىۋالغان تۈرلەرنى ئورتاقلىشىش» قا كىرىپ بۇ ئىقتىدارنى ئاچسىڭىز ياكى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
ئىشلەتكۈچىلەر مۇلازىمىتى ئۇقتۇرۇشى
زۆرۈر بولغاندا ئۇقتۇرۇش بالدىقىدا پائالىيەت، مۇكاپاتقا ئېرىشىش، ئىنكاس قاتارلىق ئۇچۇرلارنى كۆرسىتىمىز. «مېنىڭ» > «تەڭشەك» > «ئۇقتۇرۇش» دىن تاقىسىڭىز بولىدۇ.
ئەپنىڭ يېڭىلىنىش ئۇچۇرىنى ئۇقتۇرۇش بالدىقىدا كۆرسىتىمىز. «مېنىڭ» > «تەڭشەك» > «ئەپ يېڭىلاش ئەسكەرتمىسى» دىن تاقىسىڭىز بولىدۇ.
ئويۇن ياكى ئەپ ئىچىدىكى ياردەمچى مۇلازىمەت
ئويۇن ياكى ئەپتىن ياخشى تەسىراتقا ئېرىشىشىڭىز ئۈچۈن، سىستېمىنىڭ دائىملىق تەڭشىكى ۋە ئەپنىڭ ياردەمچى ئىقتىدارىنى بىرلەشتۈردۇق، ئويۇن ياكى ئەپتىن چېكىنگەندە تېزلا تەڭشىيەلەيسىز، مەسىلەن، ئويۇن ئويناۋاتقاندا، ئۇچۇر دەخلىسىدىن خالىي بولۇش، ئېكران خاتىرىلەش، ئويۇن تېزلىتىش، كۇنۇپكا خاتا بېسىلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش قاتارلىقلارنى ئىشلىتەلەيسىز. مۇلازىمەتنى داۋاملىق ياخشىلاش ۋە ئەلالاشتۇرۇش ئۈچۈن بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىزنى يىغىمىز.
سىزنى يەنە «ئويۇن مۇلازىمىتى» بىلەن تەمىنلىدۇق، ھەر خىل ئويۇن ئەپلىرىدىن بەھرىمەن بولۇۋاتقاندا، بىز سىزگە تەمىنلىگەن نەتىجە، شەرەپ تاختىسى، ئارخىپ ساقلاش قاتارلىق دائىملىق ئويۇن ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتەلەيسىز. سىز «ئويۇن مۇلازىمىتى» نى قوزغىتىپ ئۈچىنچى تەرەپ ئويۇن ئەپىنىڭ خۇاۋېي ھېسابىنى ئىشلىتىپ كىرىشىگە ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن، بىز سىزنىڭ بۇ ئويۇن ئەپىدە شەكىللەندۈرگەن «ئويۇن مۇلازىمىتى» ئۇچۇرىڭىزنى توپلايمىز، بۇنىڭدىكى مەقسەت سىزنى تېخىمۇ ئەلا مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر، بۇ ئۇچۇرلار نەتىجە، شەرەپ تاختىسى، ئارخىپ ئۇچۇرى، زاكاز ئۇچۇرى، ۋەقە ئۇچۇرى ۋە سىزنىڭ بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
سىز ئويۇن ئەپىنى ئىشلەتكەندە شەكىللەنگەن رەت تەرتىپ ئۇچۇرى سۈكۈتتىكى ھالەتتە ئويۇن ئەپىنىڭ شەرەپ تاختىسىدا كۆرۈنمەيدۇ، ئەگەر باشقا ئىشلەتكۈچىلەرنىڭ شەرەپ تاختىسىدىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلسىڭىز، «ئەپ ياردەمچىسى» دىكى «تەڭشەك» تە «ئويۇن ئاۋاتلىقىنى كۆرسىتىش» نى ئېچىڭ، بۇ ئىقتىدار ھازىرچە EMUI 9.0 ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى نەشردىلا ئىشلەيدۇ.
«ئويۇن مۇلازىمىتى» ئىقتىدارى سۈكۈتتىكى ھالەتتە ئېتىك بولىدۇ، «ئەپ بازىرى» دا «مەن» > «تەڭشەك» كە كىرىپ، «ئويۇن مۇلازىمىتى» نى ئېچىڭ ياكى ئېتىڭ.
مەسىلە ۋە تەكلىپ ئىنكاس مۇلازىمىتى
«مەسىلە ۋە تەكلىپ» تە تەكلىپ بەرسىڭىز بولىدۇ، ھەمدە مەسىلىنى تېخىمۇ توغرا ئېنىقلىشىمىزغا پايدىلىق بولۇشى ئۈچۈن سىستېما ئىشلىتىش خاتىرىسىنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئاچسىڭىز ياكى تاقىسىڭىز بولىدۇ. سىز بىلەن ئالاقىلىشىشىمىز ئۈچۈن، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىڭىزنى تولدۇرۇشىڭىز كېرەك.
ئالدامچىلىق ۋە باشقا يامان غەرەزلىك قىلمىشلاردىن ساقلىنىش
خۇاۋېي، سىز ۋە باشقا خۇاۋېي خېرىدارلىرىنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش ئۈچۈن، يۇقىرىدا توپلىغان ئۇچۇرلارغا ئاساسەن خەتەرنى تىزگىنلەپ، ئالدامچىلىق قاتارلىق قانۇنسىز پائالىيەتلەردىن ساقلىنىمىز.
بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، يۇقىرىدىكى مۇلازىمەتنى تولۇق تەمىنلىيەلمەسلىكىمىز مۇمكىن.
2. خاسلاشتۇرما تەۋسىيە
بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىز، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، IP ئادرېسى ۋە خۇاۋېي ھېساباتى ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق تېخىمۇ قىزىقىدىغان مەزمۇننى تېپىشىڭىزغا ياردەم بېرىمىز. مەسىلەن، «ئەپ بازىرى» دىكى بۇرۇنقى ئىزدەش، كۆرۈش، چۈشۈرۈش، يېڭىلاش ۋە باھا بېرىش خاتىرىڭىزگە ئاساسەن سىزنى قىزىقىدۇ دەپ قارىغان ئەپلەرنى تەۋسىيە قىلىمىز. تېخىمۇ مول مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىش ئۈچۈن، ئۈسكۈنىڭىزدىكى ئەپ قوزغىتىش، ئورنىتىش ۋە ئۆچۈرۈشكە مۇناسىۋەتلىك ئىستاتىستىكا ئۇچۇرىنى ئىشلىتىمىز. «ئەپ بازىرى» دا «مەن» > «تەڭشەك» > «ئەپ بازىرى مۇلازىمىتىنى توختىتىش» قا كىرىپ، «خاسلاشتۇرما تەۋسىيە» ئۈزچاتىنى ئېتىش ئارقىلىق بۇ مۇلازىمەتنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.
3. بالىلارنى قوغداش
بۇ ئەپنى پەقەت قۇرامىغا يەتكەنلەرلا ئىشلىتەلەيدۇ. ئەگەر قۇرامىڭىزغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ھامىيىڭىز بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزگە ۋە ئالاقىدار ئەپنىڭ مۇلازىمەت شەرتلىرىگە قوشۇلۇشى لازىم. ئاتا-ئانا ۋە ھامىيلار مۇۋاپىق قوغداش تەدبىرى قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغدىشى، ھەمدە ئەپ ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.
4. ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىش
سىز «ئويۇن مۇلازىمىتى» نى قوزغىتىپ ئۈچىنچى تەرەپ ئويۇن ئەپىنىڭ «ئويۇن مۇلازىمىتى» مەلۇماتىنى باشقۇرۇشىغا ئىجازەت بەرگەندە، بۇ ئۈچىنچى تەرەپ ئويۇن ئەپى سىزنى «ئويۇن مۇلازىمىتى» گە مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارلار بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىز مەزكۇر ئويۇننى ئوينىغاندا شەكىللەنگەن «ئويۇن مۇلازىمىتى» مەلۇماتلىرىنى زىيارەت قىلىشى مۇمكىن. «خۇاۋېي ھېسابى» > «مەخپىيەتلىك مەركىزى» > «ھېسابىڭىزنى زىيارەت قىلىشنى كونترول قىلىش» قا كىرىپ ئىجازەتنى بىكار قىلسىڭىز بولىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئۈچىنچى تەرەپ ئويۇن ئەپىنىڭ «ئويۇن مۇلازىمىتى» مەلۇماتىڭىزنى زىيارەت قىلىش ھوقۇقى بولمايدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، «ئەپ بازىرى» نى ئىشلەتكەندە ھاسىل بولغان بىر قىسىم شەخسىي ئۇچۇرغا تەۋە بولمىغان مەلۇماتلارنىڭ ئىستاتىستىكا ئۇچۇرلىرىنى ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزغا تەمىنلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار، چۈنكى ئۇلار بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش نەتىجىسىنى باھالاپ، نەشر ھوقۇقى بېجى ۋە ھېسابات قىلىشنىڭ تەلەپلىرىنى ئورۇندايدۇ، ھەمدە ئەپ ۋە مۇلازىمىتىنى ياخشىلايدۇ. مەلۇمات بىخەتەرلىكىڭىز ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىزدىن مەلۇمات قوغداش كېلىشىمى تۈزۈشنى تەلەپ قىلىپ، ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىڭىزغا بولغان قوغداش مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە تەلەپلەرنى ئېنىق بېكىتتۇق.
5. مەلۇماتىڭىزنى باشقۇرۇش
«خۇاۋېي ئەپ بازىرى» > «مېنىڭ» نى زىيارەت قىلىش ئارقىلىق شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى كۆرسىڭىز، ئۆزگەرتسىڭىز ياكى ئۆچۈرسىڭىز، ۋە ياكى شەخسىي ئۇچۇر ئىشلىتىش ھوقۇقىغا قوشۇلۇشىڭىزنى قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.
ئۇچۇر سۇبيېكتى ھوقۇقىغا ئالاقىدار ھەر قانداق گۇمان، ياكى تەكلىپ-پىكىرىڭىز بولسا، بۇ باياناتنىڭ «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» بابىدىكى ئۇسۇلدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئالاقىدار ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈڭ.
6. مەلۇمات ساقلاش ئورنى ۋە مۇددىتى
بۇيرۇتما ئۇچۇرىڭىز خۇاۋېي ھېساباتىڭىزغا تىزىملاتقان ئورۇندىكى مۇلازىمىتېردا ساقلىنىدۇ، شۇڭا دۆلەت/رايون ئالماشتۇرۇپ ئوخشىمىغان مۇلازىمەت ئورنى تاللىسىڭىزمۇ سىز ئىلگىرى سېتىۋالغان مەڭگۈ ئۆزىڭىزگە تەۋە ئەپ ياكى ئەپ ئىچىدىكى تاۋارلارنى ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
سىز ئۈچىنچى تەرەپ ئويۇن ئەپىدە «ئويۇن مۇلازىمىتى» نىڭ ئارخىپ ساقلاش ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە، بۇلۇت بوشلۇقى سىزگە تەمىنلىگەن بۇلۇت يىغقۇچقا ساقلاش ئىقتىدارى، ۋە ئۇنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلىرى سىزنىڭ خالىغان ۋاقىتتا ئوخشىمىغان ئۈسكۈنىدە خۇاۋېي ھېسابىڭىزغا تىزىملاپ كىرگەندە «ئويۇن مۇلازىمىتى» مەلۇماتلىرىڭىزنى كۆرۈشىڭىز ۋە ئويۇن ئەپىنى راۋان ئىشلىتىشىڭىز ئۈچۈن، خۇاۋېي ھېسابىڭىز تىزىملانغان ئورۇندىكى بۇلۇت يىغقۇچ مۇلازىمىتېرىغا ساقلىنىدۇ.
بۇنىڭ سىرتىدىكى يۇقىرىقى مەلۇماتلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى مۇلازىمىتېرغا يوللىنىپ ساقلىنىدۇ.
بۇ باياناتتىكى مەقسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ۋاقىت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايمىز، ھەمدە تۆۋەندىكى ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز، قانۇن-بەلگىلىمىلەرنىڭ باشقا تەلىپى بۇنىڭ سىرتىدا.
ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرى مەشغۇلات سىستېمىڭىزنىڭ تەڭشەك ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى، ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، قاچىلانغان ئەپ تىزىملىكى، بۇ ئەپنى ئىشلىتىش ئۇچۇرىڭىز، سوۋغات ئالماشتۇرۇش كودى، ئېتىبار بېلەت، ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى، باھا ۋە مۇنبەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلار، مەسىلە ۋە تەكلىپ، ئالدىن كېلىشىش خاتىرىسى، ئارزۇ تىزىملىكى ئۇچۇرى ۋە «ئويۇن مۇلازىمىتى» غا مۇناسىۋەتلىك مەلۇمات (ئارخىپ مەلۇماتى بۇنىڭ سىرتىدا) لار 2 يىل ساقلىنىدۇ.
IP ئادرېسىڭىز، تورغا ئۇلىنىش ئۇسۇلى ۋە تۈرى، «ئەپ بازىرى» ئىشلىتىشكە مۇناسىۋەتلىك قىسمەن ئۇچۇرلىرىڭىز پەقەتلا 7 كۈن ساقلىنىدۇ.
بۇيرۇتمىڭىزنىڭ ئۇچۇرى 7 يىل ساقلىنىدۇ، ھەمدە سىز قوشۇلغاندىن كېيىن ئۆچۈرۈلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزدە تىجارەتتىن توختاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئۇقتۇرۇش ئەۋەتىش، ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇلدا سىزگە ئۇقتۇرىمىز، ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاپ بىر تەرەپ قىلىمىز.
7. بىز بىلەن ئالاقىلىشىش
شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس بۆلۈمى (ياكى شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس خادىمى) قۇردۇق، مەخپىيەتلىك مەسىلىسى (https://consumer.huawei.com/ cn/legal/privacy-questions) نى زىيارەت قىلىپ ئالاقىلىشىڭ، تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.
جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرنى بىرتەرەپ قىلىشىمىز قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكىدىكى خەلق سوت مەھكىمىسى، كەسىپ بىرلەشمىسى ياكى ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار ئورۇنلىرىغا بېرىپ شىكايەت قىلىش ئارقىلىق ھەل قىلسىڭىزمۇ بولىدۇ. مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالاقىدار شىكايەت قىلىش يولىنى بىزدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.
خۇاۋېي ئىزچىل بىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزگە بويسۇنۇپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلايدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. بىزنىڭ ئالاقىدار مەخپىيەتلىك سىياسىتىمىز ھەققىدە،خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى (https://consumer.huawei.com/ cn/legal/privacy-policy) نى ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.